«تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ»

باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ تاكى پ ك ك قورال تاپشۇرغانغا قەدەر شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

424253
«تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ»
Biden

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: داۋۇتئوغلۇ بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن دولماباھچە سارىيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بايدىن بىلەن تۈركىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئورتاق ئەندىشىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتكەن داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئۆز تېرروتېرىيەسىدە نە دائېشنى، نە پ ك ك نى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ي پ گ پ ك ك نىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، پ ك ك دىن ياردەم ئېلىۋاتىدۇ.»

جو بايدىننىڭ زىيارىتىنىڭ ھالقىلىق بىر پەيتكە توغرا كەلگەنلىكىنى، ئۇچرىشىش جەريانىدا كەڭ كۆلەملىك مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن باش مىنىستىر، سۇلتانئەھمەتكە بېرىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن بايدىنغا رەھمەت ئېيتتى.

داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە بېرىپ تاقىلىدىغان دائېش، سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە پ ي د غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ۋاشىنگىتوننىڭ ئەنقەرە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، دائېش، پ ك ك ۋە ئەننۇسرە قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بايدىن، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە تۈركىيە دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ دائېشلا ئەمەس، پ ك ك مۇ بار. پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر. تۈركىيە پ ك ك مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، ئەمما بۇ ئەمەلگە ئاشمىدى. باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇمۇ ئۆز خەلقىنى قوغداش يولىدا قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت ئىشلەيدۇ.»

قىبرىس مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالغان بايدىن، «تۈركىيە قىبرىستا تارىخىي بىر نۇقتىغا كېلىپ قالدى. رايوندا مۇھىم رول ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە سىلەرنى قوللايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر