جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى كالىن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى ۋە تەرەپلەرنى تېررورلۇقنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

422961
جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى كالىن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى
ibrahim kalın terör

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساباھ گېزىتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن كالىن، تېررورنى يوقىتىشنىڭ چارىسىنى كۆرسەتتى ۋە تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى چىققۇچىلارغا قارىتىپ، «PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قورال تاشلىغانلىقىنى كۆرەيلى. ئاندىن تېررورلۇق مەسىلسىىنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش مۇساپىنىڭ قانداق داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىشەيلى. شەھەر مەركەزلىرىنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ ‹زوراۋانلىق بولمىسۇن، مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلسۇن› دېيىش سىياسىي ئاجىزلىق بولمايدىغانلا بولسا، يامان غەرەزلىكتۇر» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئىبراھىم كالىن دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىدىمۇ توختالدى. دىن نامىدىن بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەن ياۋايىلارنىڭ ئىسلام بىلەن بىر ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن كالىن، «دائېش- زامانىۋى دەۋر پەيدا قىلغان زامانىۋى رەھىمسىزلىكنىڭ يېڭى ئويۇنچۇقىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر