«پاراللېل تەشكىلاتقا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىمىز»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاراللېل تەشكىلاتقا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

147300
«پاراللېل تەشكىلاتقا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، پاراللېل تەشكىلاتنىڭ نىشانىنىڭ كۈچلۈك ۋە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان تۈركىيەگە توسالغۇلۇق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا چاقىرىلغان كېڭەش يىغىنىدا، تۈركىيە سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى باشلىقى رىفات ھىسارجىقلىئوغلۇ ۋە 365 بىرلەشمە ۋە سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. ئەردوغان، يىغىندا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، قانۇنلۇق تونىغا ئورىنىۋالغان قانۇنسىز تەشكىللىنىش قۇرۇلمىسى بولغان پاراللېل تەشكىلاتنىڭ خەلقئارالىق ئالاقە – مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى ھەمدە بۇ تەشكىلاتقا قارشى ئىزچىل كۈرەش قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى. ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۆنىلىشى نىشان قىلىنغان خىرىسلارنى دەل ۋاقتىدا بايقاپ، ياخشى ئانالىز قىلىپ، بىرلىك ئاساسىدا تاقابىل تۇرىمىز ھەم ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىمىز.»
نۇتىقىدا، تېررورىزمغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلىشى مەقسىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان چارە باسقۇچى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، خەلقنىڭ باسقۇچقا توسالغۇلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغۇچىلارنى نەزەرلىرىگە ئالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىغا قارىتىلغان تەنقىدلەر توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، ئەنگلىيەنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئەردوغان، ئەنگلىيەدە ۋېستمىنىستىر سارىيىنىڭ رېمۇنت قىلىنىشى ئۈچۈن 3 مىليارد پوند ستېرلىڭ چىقىم قىلىنغانلىقىنى بىراق بۇ مەسىلىنىڭ قىلچە تالاش – تارتىش قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر