مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش ماكېدونىيەدە

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش ماكېدونىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.

151701
مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش ماكېدونىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش ماكېدونىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.
نۇمان قۇرتۇلمۇش، زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ماكېدونىيە پىرېزىدېنتى جورج ئىۋانوۋ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە- ماكېدونىيە مۇناسىۋەتلىرى، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ماكېدونىيەدىكى پائالىيەتلىرى ۋە ماكېدونىيەنىڭ «مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى لايىھەسى» گە قوشالايدىغان تۆھپىلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. نۇمان قۇرتۇلمۇش، كېيىنچە ماكېدونىيەنىڭ شەرقىدىكى تۈرك يېزىلىرىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. قۇرتۇلمۇش بىلەن ئىۋانوۋ بۇ يەردە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن بەرپا قىلدۇرۇلغان ئاممىۋى مۇئەسسەسەنىڭ ئېچىلىشىدا لىنتا كەستى. قۇرتۇلمۇش مۇراسىمدا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ بالقان رايونىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە رايوندا تىنچلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى. قۇرتۇلمۇش مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيە خەلقى بىلەن ماكېدونىيە خەلقى دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى چوقۇم ئادا قىلىدۇ. ئوخشىماسلىقلارنى توقۇنۇش ۋاستىسى ئەمەس، ئەكسىچە ئورتاق مەدەنىيەتنىڭ مەڭگۈ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندۇرىمىز، يەر شارىدا ئۇرۇش ئەمەس، دوستلۇق ۋە تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىمىز.» ماكېدونىيە پىرېزىدېنتى ئىۋانوۋمۇ TRT نىڭ زىيارەت خاتىرىسىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىۋانوۋ مۇنداق دېدى: «ماكېدونىيەدە تۈركلەر ياشاۋاتقان رايونلارغا سېلىنغان مەبلەغلەر ماختاشقا ئەرزىيدۇ؛ تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماستىن يەنە، 2 دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇدا قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئورتاق پايدىلىنىۋاتقان مەدەنىي بايلىقلارنى تېخىمۇ بېيىتماقتا. شۇڭا، مەيلى كىچىك بولسۇن، مەيلى چوڭ بولسۇن تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» قۇرتۇلمۇش كېيىنچە ۋالاندوۋادىكى چالىقلى يېزىسىغا يېتىپ بېرىپ، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن رېمۇنت قىلدۇرۇلغان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئېچىلىشدا لىنتا كەستى. كەچ تەرەپلەردە پايتەخت ئۈسكۈپكە ئۆتكەن قۇرتۇلمۇش، ماكېدونىيە ئىسلام بىرلىكىنىمۇ زىيارەت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر