داۋۇتئوغلۇ ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ۋەتەنداشلار بىلەن ئۇچراشتى

داۋۇتئوغلۇ، شانلىئۇرفادا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ۋەتەنداشلار بىلەن ئۇچراشتى.

132605
داۋۇتئوغلۇ ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ۋەتەنداشلار بىلەن ئۇچراشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: داۋۇتئوغلۇ، شانلىئۇرفادا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ۋەتەنداشلار بىلەن ئۇچراشتى.
باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى گۆرۈگە ئېلىۋالغان تۈركىيە ۋەتەنداشلىرىدىن ھال سوراش ئۈچۈن باكۇدىكى پىروگراممىسىنى بىكار قىلىپ، شانلىئۇرفاغا ئۆتتى.
داۋۇتئوغلۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىدىن قۇتقۇزۇلۇپ تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەن تۈركىيە پۇقرالىرىدىن ھال سوراش مەقسىتىدە ئەزەربەيجان زىيارىتىنى يېرىل قالدۇرۇپ، ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 07.15 تە شانلىئۇرفا قاراپ يولغا چىقتى.
باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇنى، باكۇ خەلقئارا ھەيدەر ئەلىيېۋ ئايرودۇرۇمدىن، تۈركىيەنىڭ باكۇ باش ئەلچىسى ئالپەر جوشقۇن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ئۇزىتىپ قويدى.
باش مىنىستىر بىلەن بىرلىكتە رەپىقىسى سارە داۋۇتئوغلۇ، مۇئاۋىن باش مىنىستىر يالچىن ئاقدوغان، مائارىپ مىنىستىرى نابى ئاۋجىمۇ شانلىئۇرفاغا كەتتى.
داۋۇتئوغلۇ، مۇسۇلدىن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەن تۈركىيە ۋەتەنداشلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر