ئەردوغان: تۈركىيەدىن باشقا ياردەم تەلەپ قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى مۇداخىلە مەسىلىسى توغرۇلۇق توختالغاندا، «تۈركىيەدىن ئىنسانىي ياردەم سىرتىدا باشقا ياردەم تەلەپ قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

127444
 ئەردوغان: تۈركىيەدىن  باشقا ياردەم تەلەپ قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى مۇداخىلە مەسىلىسى توغرۇلۇق توختالغاندا، «تۈركىيەدىن ئىنسانىي ياردەم سىرتىدا باشقا ياردەم تەلەپ قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، چېگرا رايونىدا ئارىلىق رايون بەرپا قىلىنىش مەسىلىسى توغرۇلۇق توختالغاندا، «تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى داۋاملىق خىزمەت ئىشلىمەكتە، يېقىندا پىلان لايىھەلىرىنى بىزگە سۇنىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا قارار بېرىمىز» دېدى.
قاتاردىن قايتىشىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە تاشلاۋاتقان قەدەملىرى توغرۇلۇق توختالدى.
ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ ھەقتە خىزمەت ئىشلىنىپ، يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىلىدۇ، يول خەرىتىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، بىزنى قايىل قىلىپ - قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن.»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان تۈركىيەنىڭ مۇسۇل باشكونسۇلخانىسىنىڭ 49 نەپەر خىزمەتچى - خادىملىرى مەسىلىسى توغرۇلۇق توختالغاندا، «بۇنى تۈرلۈك ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر