كېرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

123071
 كېرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
مېھمان مىنىستىر دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇنىڭمۇ كېرىنى قوبۇل قىلىشى كۈتۈلمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇچرىشىشلاردا رايونلۇق، خەلقئارالىق، تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر