ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەنقەرەدە

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھاگېل رەسمىي ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.

117794
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەنقەرەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاك ھاگېل رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى بويىچە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن كۆرۈشىدۇ. گىرۇزىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن چاك ھاگېل، تۈركىيە زىيارىتىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشتىن باشلايدۇ. ئۇ ئەنقەرە زىيارىتى دائىرىسىدە، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىمۇ زىيارەت قىلىدۇ، ئارقىدىن ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن كۆرۈشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر