ئ ش ئ د نىڭ گېرمان مۇخلىسى چېگرادا تۇتۇلۇپ قالدى

ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئ ش ئ د) غا قېتىلىش ئۈچۈن سۈرىيە تەرەپكە ئۆتۈشكە ئۇرۇنىۋاتقان بىر گېرمانىيەلىك رەيھانلى ناھىيەسىدە قولغا چۈشۈرۈلدى.

112729
ئ ش ئ د نىڭ گېرمان مۇخلىسى چېگرادا تۇتۇلۇپ قالدى

ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئ ش ئ د) غا قېتىلىش ئۈچۈن سۈرىيە تەرەپكە ئۆتۈشكە ئۇرۇنىۋاتقان گېرمانىيەلىك بىر كىشى خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدە قولغا چۈشۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، گېرمانىيە پۇقراسى ماركو جونسشېيت (20 ياش) گېرمانىيەدىن ئايروپىلان بىلەن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودورۇمىغا كەلگەن. ماركو ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قېتىلىشنى پىلانلاپ، سۇرىيە تەرەپكە ئۆتۈش مەقسىتىدە خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىگە كەلگەن.
خاتاي ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى پېيىغا چۈشكەن ماركونى قولغا چۈشۈردى. ساقچى ئىدارىسىدا سوراق قىلىنغان ماركو، گېرمانىيە ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كېيىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى.
ماركونىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قېتىلىپ مۇسۇلمان بولىدىغانلىقى ۋە «جىھاد» قىلىش مەقسىتىدە تەشكىلاتقا قېتىلماقچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر