جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق چەت ئەل زىيارىتىنى ئەزەربەيجاندا داۋاملاشتۇرماقتا.

112587
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت باكۇدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ قارشى ئېلىندى. ئەردوغاننىڭ زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن پىرېزىدېنتلىق سارىيىنىڭ ئالدىدا ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى رەھبەرنىڭ ئايرىم ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ھەيئەتلەر ئارا مۇزاكىرىلەر باشلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ئەزەربەيجان زىيارىتىدە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز ۋە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانەر يىلدىز قاتارلىقلار ھەمرا بولدى. زىيارەتنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئېنېرگىيە ۋە قاتناش مەسىلىلىرى بار.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھەيدەر ئەلىيېۋنىڭ قەبرىسى ۋە تۈرك شېھىتزارلىقىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئەزەربەيجاندىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن گاللېرگە قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر