ئابدۇللاھ گۈل ئىستانبۇلغا كەتتى
11 - جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، كەچ تەرەپلەردە ئىستانبۇلغا كەتتى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 11 - جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، كەچ تەرەپلەردە ئىستانبۇلغا كەتتى.
ئابدۇللاھ گۈلنى ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ قارشى ئالدى.
ئابدۇللاھ گۈل بىلەن رەپىقىسى خەيرۇننىسا گۈل، ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇم دۆلەتلىك مېھمانسارىيىنىڭ ئالدىدا كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى.
ئابدۇللاھ گۈل، خەلق ئاممىسىغا قول پۇلاڭلىتىپ سالام بەردى، بىر قىسىم ۋەتەنداشلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
ئابدۇللاھ گۈل، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، «شەرەپ بىلەن ئۆتكۈزۈۋالغان جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى شەرەپ بىلەن سۆيۈملۈك دوستۇمغا ئۆتكۈزۈپ بەردىم، خۇدايىم بۇيرىسا بۇنىڭدىن كېيىن دۆلىتىمىزگە خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن، ھەممىگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئابدۇللاھ گۈل بىلەن رەپىقىسى خەيرۇننىسا گۈل، ۋاقىتلىق ئىستانبۇل تارابيادىكى خۇبەر سارىيىدا ياشايدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.