ئابدۇللاھ گۈل ۋىدالىشىش تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسى 28 – ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل خەلققە خىتاب قىلىپ، ۋىدالىشىش تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

103173
ئابدۇللاھ گۈل ۋىدالىشىش تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇللاھ گۈل خەلققە خىتاب قىلىپ ئېلان قىلغان ۋىدالىشىش تېلېگراممىسىدا: «مىللىي ئىرادىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن سايلانغان جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپەمدە، ئالدى بىلەن چانقايانىڭ ئىشىكلىرىنى خەلقىمىزگە ئاچتىم. دۆلەت بىلەن خەلقنى بىر – بىرگە يېقىنلاشتۇردۇم ۋە قۇچاقلاشتۇردۇم. ئاساسىي قانۇننى ئىجرا قىلىش ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئارىسىدىكى ئۇيۇشچانلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋەزىپەمنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئورۇنلاشقا تىرىشتىم» دېدى. ئۇ سىياسىي كىملىكى بولسىمۇ بىتەرەپ تۇرۇشقا كۆپ ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ چەت ئەللەردىمۇ دۆلەتكە ۋە خەلققە، كۈچىگە ۋە نوپۇزىغا لايىق تۈستە ۋەكىللىك قىلغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «دۆلەت ئورگانلىرىغا ۋە خەلقىمىزگە بەرگەن سىگناللىرىمدا، دېموكراتىك، سېكۇلار ۋە ئىجتىمائىي قانۇن دۆلىتى بولۇش پىرىنسىپلىرىغا ھەممىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئەھمىيەت بېرىشىنى تەلەپ قىلدىم» دېدى.
ئۇ ئاخىرىدا، يەتتە يىل بويىچە تۈركىيە خەلقىنىڭ ئۆزىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ۋە ئىشەنچىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئېزىز تۈرك خەلقىنىڭ ۋە دۆلىتىمىزنىڭ كېلەچەككە بولغان ئىشەنچىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر