داۋۇتئوغلۇ تۇنجى قېتىملىق باياناتىدا «بىرلىك» سىگنالى بەردى

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى نامزاتى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان داۋۇتئوغلۇ تۇنجى قېتىملىق باياناتىدا، «بىرلىك» سىگنالى بەردى

99721
داۋۇتئوغلۇ تۇنجى قېتىملىق باياناتىدا «بىرلىك» سىگنالى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى نامزاتى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان داۋۇتئوغلۇ تۇنجى قېتىملىق باياناتىدا، «بىرلىك» سىگنالى بەردى.
داۋۇتئوغلۇ، «بۇ مۇقەددەس سەپىرىمىز چوقۇم غەلىبىگە ئېرىشىدۇ، كىمكى بۇ سەپەرگە توسقۇنلۇق قىلىدىكەن، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئەجەللىك زەربىسىگە ئۇچرايدۇ» دېدى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باشلىقلىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، داۋۇتئوغلۇ نۇتۇق مۇنبىرىگە چىقتى.
داۋۇتئوغلۇ، تۇنجى نۇتىقىدا پارتىيە رەھبەرلىكىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتتى.
تۈركىيەنىڭ يەنە بىر ھالقىلىق باسقۇچنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن داۋۇتئوغلۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ يەنىمۇ قۇدرەت تېپىشىغا ھېچكىمنىڭ توسقۇنلۇق قىللالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە پارتىيە ئىچى ئىختىلاپلارغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر