`تۈركىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىراقنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە ئئۇچقانلىقى يالغان`
تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتابى، تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىراقنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچقانلىقىنى رەت قىلدى
83563
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتابى، تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىراقنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچقانلىقىنى رەت قىلدى.
تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئايروپىلانلىرىنىڭ، 7 - ئاۋغۇست كۈنى ئىراق ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرەلمەيدۇ» دېيىلدى.