ئەردوغان CNN International لىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، CNN International تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ تەجرىبىلىك رىياسەتچىسى بېكى ئاندېرسوننىڭ كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

70750
 ئەردوغان CNN International لىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، CNN International تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ تەجرىبىلىك رىياسەتچىسى بېكى ئاندېرسوننىڭ كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى ئەلۋەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ئىدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان، ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئارىئېل شاروننىڭ بىر ئۇچرىشىشتا ئۆزىگە قىلغان، «پەلەستىندە تانكىلارنىڭ ئۈستىدە بولغان چاغلىرىم ھاياتىمدىكى ئەڭ بەختلىك مىنۇتلار ئىدى» دېگەن سۆزىنى ھېچ ئۇنتۇيالمىغانلىقىنى ئېيتتى.
نۆۋەتتە غەربنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىشى ۋە پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىغا سۈكۈت قىلىشىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «شۇ ۋەجىدىن بىز سۈكۈت قىلالمايمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەم شۇنداق» دېدى.
ئاندېرسوننىڭ، «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىلمىشلىرى تۈپەيلى گىتلېرنى ئەسلىتىدىغانلىقىغا قارىتا ئانالىزلارغا قانداق قارايسىز؟» تەرىقىسىدىكى سوئالىغا، «مەنمۇن شۇنداق قارايمەن» دەپ جاۋاب بەردى.
ئەردوغان ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشى ئادىل بولمايدۇ.»
ئەردوغان، مىسىرنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدىكى رولىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «مىسىر پەقەت سىسىدىنلا ئىبارەت ئەمەس، مىسىر خەلقىمۇ بار، بىزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولغىنى مىسىر خەلقىنىڭ پوزىتسىيەسى» دېدى.
ئەردوغان، مۇخبىرنىڭ سىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئۇ مۇستەبىت بىر ھۆكۈمدارمۇ؟» تەرىقىسىدىكى سوئالىغا قارىتا، «شۇنداق، ئۇ مۇستەبىت بىر ھۆكۈمدار، بۇنىڭغا قارىتا قىلچە گۇمانىم يوق» دېدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان، مۇخىرنىڭ «كېچىلىرى سىزنىڭ ئارامخۇدا دەم ئېلىشىڭىزدا مۇھىم رول ئوينىغان ئاساسلىق ئامېل نېمە؟» دېگەن سوئالىغا، «كېچىلىرى ھەمىشە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۇخلايمەن، ئەمما ھازىرقىسىنى سورىسىڭىز، بىردىن - بىر ئەندىشەم پەلەستىن، پەلەستىن، پەلەستىن» دەپ جاۋاب بەردى.
ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «دۆلىتىمىزگە خىزمەت قىلىش يولىدا تەقۋىمدە باشقا سەھىپىلەر قالمىغانغا قەدەر خەلقىم ۋە مەملىكىتىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر