ۋىيېتنام باش ئەلچىسى ئىبراھىم شاھىن بىلەن كۆرۈشتى

ۋىيېتنامنىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى نىگۇيېن دىكۇيون، تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT) نىڭ مۇدىرى ئىبراھىم شاھىننى زىيارەت قىلدى.

132547
ۋىيېتنام باش ئەلچىسى ئىبراھىم شاھىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ئىبراھىم شاھىن، ۋىيېتنام باش ئەلچىسى دىكۇيوننى ئەنقەرە ئوراندىكى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
باش ئەلچى دىكۇيون ئىبراھىم شاھىندىن تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى يېڭىلىق يارىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات ئالدى.
كۆرۈشۈشتە، رادىيو – تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى تارقىتىش دائىرىسىدە، تۈركىيە بىلەن ۋىيېتنام ھەمكارلىشالايدىغان لايىھەلەر مەسىلىسىدىمۇ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇدىرى ئىبراھىم شاھىن، دىكۇيوننىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر