تۈركىيە، ئىسرائىلىيەنى توختىتىش ئۈچۈن دۇنياغا چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن باشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولۇپ خەلقئارا جەمئىيەتنى دەرھال كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىردى.

127272
تۈركىيە، ئىسرائىلىيەنى توختىتىش ئۈچۈن دۇنياغا چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن باشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولۇپ خەلقئارا جەمئىيەتنى دەرھال كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىردى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەر ياردەمگە مۇھتاج پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە ئاشلىق ۋە باشقا ئېھتىياجلىق ماددىلارنى تارقىتىپ بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا يەنە، تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئيىتىنىڭمۇ 2 مىڭ ئائىلىگە ئۇزۇق – تۈلۈك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، غەززەگە ب د ت يېقىن شەرقتە پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ۋە تۇرالغۇلاشتۇرۇش ئاگېنتلىقىنىڭ ياردەم قىلىشى ئارقىسىدا ئۇن ياردەم قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، 2014- يىلى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان ئۇن ياردىمىنىڭ تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىتەرەپ قىلىش ئىدارىسىنىڭ رىياسەتچىلىكى ئاستىدا رايونغا ئەۋەتىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك خىزمەتلەرنىڭ باشلانغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى. باياناتتا «بىر قانچە كۈندىن بويان داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەت ئاستىدا ھاياتلىق كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ دائىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ دەرھال توختىتىلىشى ئۈچۈن، باشتا ب د ت بولۇپ خەلقئارا جەمئىيەتنى دەرھال كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىرىمىز» دېيىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر