ئەردوغان بان كىمون بىلەن تېلېفونلاشتى

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غەززە مەسىلىسى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى مۇراجىئەت قىلدى

126721
ئەردوغان بان كىمون بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غەززە مەسىلىسى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمونغا تېلېفون قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇچرىشىشتا، ھۇجۇملارنىڭ دەرھال توختىلىتىشىنى تەلەپ قىلغان باش مىنىستىر ئەردوغان، ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا 2012 - يىلى ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىنىشىنى تەكىتلىدى.
باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى پەقەت ئادىل ۋە كەڭ كۆلەملىك تىنچلىق ئارقىلىقلا قوغدىغىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
غەززە نىشان قىلىنغان ھۇجۇملار نەتىجىسىدە ھازىرغىچە كۆپ ساندا مەسۇم پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يۈزلەرچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغاننىڭ، تۈركىيەنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ غەزەپ - نەپرىتىنى قوزغاۋاتقان بۇ ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر