قۇددۇس باشكونسۇلخانىسى تۈركىيە ۋەتەنداشلىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيەنىڭ قۇددۇس باشكونسۇلخانىسى تۈركىيە ۋەتەنداشلىرىنى ئاگاھلاندۇردى

126728
قۇددۇس باشكونسۇلخانىسى تۈركىيە ۋەتەنداشلىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ قۇددۇس باشكونسۇلخانىسى، غەززەدىن ئايرىلىشنى خالايدىغان تۈركىيە ۋەتەنداشلىرىغا دۆلەتتىن ئايرىلغان تەقدىردە ياردەمچى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باشكونسۇلخانىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا، «غەززەدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغان ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ، 24 سائەت ئىشلەۋاتقان تېل ئاۋىۋ باش ئەلچىخانىمىز بىلەن، ۋەياكى قۇددۇس باشكونسۇلخانىمىزنىڭ چاقىرىق مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز» دېيىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، غەززەدە 120 نەپەر تۈركىيە ۋەتەندىشى ياشاۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرى، يەنى بىر قىسمى بولسا پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇپ غەززەگە يەرلەشكەن تۈركلەردىن تەشكىل تاپىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر