ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ 10 – 12 – ئىيۇل كۈنلىرىدە ئۆزبېكىستاندا رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

122469
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ ئۆزبېكىستانغا ئېلىپ بارىدىغان بۇ قېتىمقى زىيارىتى، ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندە تۈركىيەدىن تاشقى ئىشلار سەۋىيەسىدە قىلىنىدىغان تۇنجى زىيارەت بولىدۇ.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئۇچرىشىشلاردا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەمكارلىقنى باراۋارلىك، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش پىرىنسىپى ئاستىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا يەنە، ئىككى دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر بويىچە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا: «ھۆرمەتلىك مىنىستىرىمىز زىيارەت دائىرىسىدە، تارىخىي ۋە ئورتاق مەدەنىيەت مىراسلىرى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە سەرمەرقەنت ۋە بۇخارا شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق قاناللىرىنىڭ قايتىدىن كۈچىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرك ۋە ئۆزبېك خەلقلىرى ئارىسىدىكى كۆپ يۆلۈنىشلىك يېقىن مۇناسىۋەتلەرنى تېخخمۇ تېزلىكتە كۈچەيتىدۇ» دېيىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر