تۈركىيە ئۇچقۇچىسى ئەنگىلىيەدە ھەممىنى ھەيران قالدۇردى

پادىشاھلىق ھاۋا ئارمىيە بازىسى، ئادەمنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىغان ماھارەتكە شاھىت بولدى.

122353
تۈركىيە ئۇچقۇچىسى ئەنگىلىيەدە ھەممىنى ھەيران قالدۇردى

ئەنگىلىيەنىڭ ۋاددىنگتون شەھىرىدىكى پادىشاھلىق ھاۋا ئارمىيە بازىسى، ئادەمنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىغان ماھارەتكە شاھىت بولدى.
پادىشاھلىق ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش پائالىيىتىدە تۈركىيەنىڭ ماھەرەت كۆرسەتكۈچى ئۇچقۇچىسى يۈسۈف كۇرت ئايروپىلاننى قوندۈرۈش جەريانىدا تاماشىبىنلارغا ئىنتايىن يېقىن بىر مۇساپىدىن ئۆتتى. بۇنى كۆرگەن تاماشىبىنلارنىڭ يۈرۈكى ئاغزىغا كەپلىشىپ قالغاندەك بولدى.
بىر قانچىلىغان تاماشىبىن ئايروپىلان ئۆتۈۋاتقان پەيتتە قورقۇپ كېتىپ يەردە يېتىۋالدى.
تۈركىيە ئۇچقۇچىسىنىڭ ئايروپىلاننى قوندۈرىشى ئەنگلىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئىنكاس قوزغىدى.
مېترو گېزىتى، ئاتاقلىق كېنو چولپىنى توم كېرۇسنىڭ (Top Gun) ناملىق فىلىمىگە قاراتقان شەكىلدە «ئەگەر توم كېرۇس كۆرگەن بولسا ئىدى، بۇ ئۇچۇشتىن ھەقىقەتەن پەخىرلەنگەن بولاتتى» دەپ ئىنكاس ئېلان قىلدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر