تۈركىيە ھەمكارلىق كېلىشىمىدىن مەمنۇن...

تۈركىيە مولداۋىيە، گىروزىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتپاقى بىلەن ئىمزالىغان ھەمكارلىق كېلىشىمىنى خۇرسەن بولغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

111652
تۈركىيە ھەمكارلىق كېلىشىمىدىن مەمنۇن...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مولداۋىيە، گىروزىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈزگەن ھەمكارلىق كېلىشىمىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مولداۋىيە، گىروزىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىنىڭ ئۈچ دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بولغان مايىللىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا « مەزكۇر كېلىشىملەر بۇ ئۈچ دۆلەتكە سىياسىي ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەتلەر ئېلىپ كېلىشتىن باشقا، پۈتكۈل ياۋروپا قىتئەسى ۋە رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا زور پايدىسى تېگىدىغانلىقىنى ئويلايمىز» دېيىلدى.
باياناتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ دوست ۋە قوشنا دۆلەت سۈپىتىدە كۆرىدىغان بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بولغان مايىللىقىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوللاشنى داۋاملاشتۇرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر