تۈركىيە ئەسكەرلىرى لىۋاندا يەنە بىر يىل تۇرىدۇ

لىۋاندا تۇرۇۋاتقان ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمى تەركىبىدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى بىر يىل ئۇزارتىلىدۇ.

108663
تۈركىيە ئەسكەرلىرى لىۋاندا يەنە بىر يىل تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمىدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتىشقا مۇناسىۋەتلىك باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسىنىڭ قارارى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) گە سۇنۇلدى.
قاراردا، لىۋاندىكى ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ 2014 – يىلى 31 – ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدىغانلىقى، ئەمما بۇ ۋاقىتتىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتەش توغرىسىدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا قارار قوبۇل قىلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
قاراردا يەنە، تۈركىيە قوراللىق قىسمىنىڭ 2014 – يىلى 5 – سېنتەبىردىن تارتىپ يەنە بىر يىل دېڭىز قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىشلىنىشىگە رۇخسەت تەلەپ قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر