تۈركىيە، تىنچلىق پىلانىنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللايدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ئۇكرائىنادا پىرېزىدېنت پېترو پوروشېنكو تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تىنچلىق پىلانىنىڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

103441

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پىلان دائىرىسىدە بىر ھەپتە بويىچە ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان بىر تەرەپلىمە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ قانۇنسىز پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغۇچى گۇرۇپپىلارنىڭ قوراللىرىنى تاپشۇرۇشى ۋە سىياسىي مۇساپىدىن ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئارىسىدا يېقىنقى ھەپتىلەردە ئورنىتىلغان كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە تىنچلىق پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىۋاسىتە دىيالوگ ئۆتكۈزۈش مۇساپىسىگە يۇقىرى باھا بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى. باياناتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سىياسىي خىزمەتلەرنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر