30 دىپلوماتنىڭ يېڭى خىزمەت ئورنى مۇئەييەنلەشتى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 2014- يىلى ياز مەزگىلى باش ئەلچى تەيىنلەش قارارنامىسى ئېلان قىلىندى.

103440
30 دىپلوماتنىڭ يېڭى خىزمەت ئورنى مۇئەييەنلەشتى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 30 ئادەم ئوخشاش بولمىغان ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن قارارنامىسىدە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇنىڭ يېقىن خىزمەت ئەترىتىدىن سەلچۇك ئۈنسال ۋە ئەھمەت تۇتانىڭ ئىسىملىرىمۇ ئورۇن ئالدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى سەلچۇك ئۈنال تۈركىيەنىڭ كانادانىڭ ئوتتاۋا باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن بولسا، ئىككى يىلنىڭ مابەينىدە خۇسۇسىي كاتىپى بولۇپ ئىشلىگەن ئەھمەد تۇتا تۈركىيەنىڭ كىرودىيە زاگرېپ باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا ئىراق ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مۇدىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خاقان تەكىن تېھرانغا تەيىنلەندى. سۇرىيەدە ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە ۋەزىپە ئۆتىگەن تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باش ئەلچىسى ئۆمەر ئۆنھون مادرىدقا ئەلچى قىلىپ تەيىنلەندى. بۇ قېتىمقى باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن قاتارىدا دىققەتنى تارتقان كىشىلەرنىڭ بىرى جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ خۇسۇسىي كاتىپى ئوسمان كوراي ئەرتاش بولدى؛ ئەرتاش بۈكرەش باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سىرتىدىن كەنئان گۈرسوي تەيىنلەنگەن ۋاتىكان باش ئەلچىلىكىگە دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت پاچاجى تەيىنلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر