ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ راسمۇسسېن بىلەن كۆرۈشتى

ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەر، ناتونىڭ ھەر ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇم رامكىسىدا سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى كېرەك قىلىدۇ» دېدى.

96660
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ راسمۇسسېن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) باش كاتىپى راسمۇسسېن بىلەن ناشتىلىق زىياپەتتە بىر يەرگە جەم بولدى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ مۇنداق دېدى: «مەيلى ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر بولسۇن، مەيلى بالقان رايونىدىكى ناتوغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىدە بېسىلىشى كېرەك بولغان قەدەملەر بولسۇن، ياكى ناتونىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغان ۋە نۇرغۇنلىغان نۇقتىدا ناتو دۆلەتلىرىگە قوشنا بولغان شىمالىي ئافرىقا ھەمدە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب باھارىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەر بولسۇن، ناتونىڭ ھەر ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇم رامكىسىدا سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى كېرەك قىلىدۇ» دېدى.
سۈرىيە بىلەن ئىراقتا يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، راسمۇسسېنغا مۇسۇلدا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان تۈركىيەلىك دىپلوماتلار ۋە پۇقرالارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ھەمكارلىقىغا تەشەككۈر ئېيتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ ناتونىڭ ئاقدېڭىزدىن قارا دېڭىز ۋە بالتىق دېڭىزىغىچە تۇتىشىدىغان رايونلاردا مۇھىم سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، سېنتەبىر ئېيىدا ئېچىلىدىغان ناتو يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ ناتونىڭ مۇقىملىق ئورنىتالايدىغان ئورۇنغا ۋە كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ناتو باش كاتىپى راسمۇسسېن، ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەرنى قايغۇ ئىچدە كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە تۈركىيەنىڭ مۇسۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.
راسمۇسسېن ئاخىرىدا، دىپلوماتىك خادىملار ۋە ئامانلىق ساقلىغۇقچى خادىملارنىڭ بالدۇرراق قويۇپ بېرىلىشىنى چاقىرىق قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر