تۈرك ئىشچىلار تۈركىيە ئېلىپ كېلىندى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىراقتا تۇرۇۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن كۈچلۈك دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە.

95225
تۈرك ئىشچىلار تۈركىيە ئېلىپ كېلىندى

ئىراقتىكى تۈرك ئىشچىلار تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى؛ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىراقتا تۇرۇۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن كۈچلۈك دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە.
ئىراق دائىرىلىرىدىن كېرەكلىك رۇخسەتلەر ئېلىنىپ، نەجەفتە تۇرۇۋاتقان 113 ئىشچىنىڭ تۈركىيەگە قايتىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىراقتىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى؛ باياناتتا بىرىنچى بولۇپ «مۇسۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىمىز خادىملىرى ۋە مۇسۇلنىڭ گەيارا ناھىيەسىدە گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 31 شوپۇردىن تەشكىل تاپقان پۇقرالىرىمىزنىڭمۇ دۆلىتىمىزگە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ساق – سالامەت قايتىشلىرىنى كۆزلىگەن ھالدا كېرەكلىك بارلىق خىزمەتلەر ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا» دېيىلدى.
ئىراقنىڭ نەجەف شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان 113 ئىشچىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، ئىراق دائىرىلىرىدىن كېرەكلىك رۇخسەتلەرنىڭ ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
60 ئىشچىنىڭ ۋىزىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تۆلىشى كېرەك بولغان ئىقتىسادىي جازا باغدادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن بىكار قىلىنىپ، ئىشچىلارنىڭ مەملىكەتكە قايتىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.
مىنىستىرلىق يەنە مۇسۇل، كەركۈك، سالاھۇددىن، دىيالا، ئەنبار ۋە باغدادتا تۇرۇۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ مۇمكىن بولغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەزكۇر ۋىلايەتلەردىن چىقىپ كېتىشى ۋە بۇ ۋىلايەتلەردە ساياھەت قىلىشتىن يىراق تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر