ئىستانبۇلنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟
ئىككى قىتئەنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرغان، سەنئەت بىلەن تارىخنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، مەدەنىيەتلەر بۆشۈكى ھېسابلىنىدىغان بۇ ئالەمشۇمۇل شەھەرنى كۆرۈشنى خالامسىز؟
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىككى قىتئەنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرغان، سەنئەت بىلەن تارىخنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، مەدەنىيەتلەر بۆشۈكى ھېسابلىنىدىغان بۇ ئالەمشۇمۇل شەھەرنى كۆرۈشنى خالامسىز؟ ئەگەر جاۋابىڭىز «ھەئە» بولسا، سىزنى تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىدا باشلانغان مۇسابىقىگە تەكلىپ قىلىمىز. ئىستانبۇلغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئاز 200، ئەڭ كۆپ بولغاندا 400 سۆزلۈك ماقالە بىلەن مۇسابىقىمىزگە قاتناشسىڭىز بولىدۇ. تېمىمىز «ئىككى قىتئە بىر شەھەر: ئىستانبۇل»
مۇسابىقىمىزدە نەتىجىگە ئېرىشكەن تەلەيلىك ئاڭلىغۇچىمىز، تۈركىيەدە بەش كۈن ساياھەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.
ماقالىلىرىڭلارنى تۆۋەندىكى ئېلخەت ئادرېسىمىزغا ئەۋەتسەڭلار بولىدۇ.
ئالاقە ئادرېسىمىز: uygur@trt.net.tr
مۇسابىقىمىز 2014 - يىلى 15 – ئىيۇلغىچە داۋام قىلىدۇ. تېز بولۇڭ، پۇرسەت غەنىيمەت!
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.