داۋۇتئوغلۇ، ھەيبەلىئادا ئۇرۇش پاراخوتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى

تانزانىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان داۋۇتئوغلۇ، TCG ھەيبەلىئادا پاراخوتىدا ھەربىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى

78312
 داۋۇتئوغلۇ، ھەيبەلىئادا ئۇرۇش پاراخوتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: داۋۇتئوغلۇ، ھەيبەلىئادا ئۇرۇش پاراخوتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
تانزانىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان داۋۇتئوغلۇ، TCG ھەيبەلىئادا پاراخوتىدا ھەربىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.
داۋۇتئوغلۇغا، بارباروس تۈرك ۋەزىپە ئۆتەش گۇرۇپپىسى ۋە پاراخوتلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.
پاراخوتنى كۆزدىن كەچۈرگەن داۋۇتئوغلۇ، كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، دۇربۇن بىلەن ئوكياننى كۆزەتتى. كېيىنچە دېڭىزچىلارغا خىتاب قىلغان داۋۇتئوغلۇ، بارباروس تۈرك ۋەزىپە ئۆتەش گۇرۇپپىسىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بارباروس تۈرك ۋەزىپە ئۆتەش گۇرۇپپىسىنىڭ، مەنىۋى، ئىستىراتېگىيەلىك ۋە دىپلوماتىك جەھەتتىن تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن داۋۇتئوغلۇ، «سىلەر بېسىپ ئۆتكەن ھەر بىر پورتتا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتىڭلار ھەمدە تەنتەنىلىك ھالدا قارشى ئېلىندىڭلار، بۇنىڭدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئافرىقا پورتلىرىدا ھەر بىرىڭلار خۇددى پەخرى باش ئەلچىلەردەكلا خىزمەت كۆرسەتتىڭلار. ئىستىراتېگىيەلىك جەھەتتىن بايرىقىمىزنى خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە لەرزان لەپىلدەتتىڭلار. جەنۇبىي ئافرىقا دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە ئىشقا ئاشۇرغان مانېۋىرلىرىڭلاردا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىڭلار بىز بىلمەيدىغان سۇ تەۋەلىكلىرىگە قانچىلىك دەرىجىدە تېز يېتىپ بارغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىدۇ، ھەممىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.
تۈركىيەنىڭ، خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارالايدىغان 10 كۈچلۈك دۆلەتتىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچكە ئايلىنىش يولىدا غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
بارباروس تۈرك ۋەزىپە ئۆتەش گۇرۇپپىسى پاراخوتلىرى، ئافرىقا سەپىرى دائىرىسىدە 3 كۈن ئىلگىرى تانزانىيەنىڭ دارۇسسالام پورتىغا يېتىپ بارغانىدى. ئافرىقىنىڭ ئوخشىمىغان پورتلىرىنى زىيارەت قىلغان پاراخوتلار، تانزانىيەدىن كېيىن كېنىيە، جىبۇتى ۋە سۇدان پورتلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، سۇۋەيش قانىلىدىن ئۆتۈپ، تۈركىيەگە قايتىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر