ياۋروپا كېڭىشىنىڭ مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى ۋىيانادا باشلاندى
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ 124 - نۆۋەتلىك مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى ئاۋىسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا باشلاندى
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ 124 - نۆۋەتلىك مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى ئاۋىسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا باشلاندى.
ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىنغا تۈركىيەگە ۋەكالىتەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئىشتىراك قىلدى.
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ مۇھىم قارار ئېلىش ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ 124 - نۆۋەتلىك يىغىنى نۆۋەتچى رەئىس ئاۋىسترىيەنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ۋىيانادا چاقىرىلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىدىن كېيىن نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئەزەربەيجان ئۆتكۈزۈۋالىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، يىغىندا سۆز قىلغاندىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.