13.06.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1217720
13.06.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى تاماملىغانلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، رۇسىيەدىن ھاۋا قالقان سىستېمىسى سېتىۋېلىش ئىشلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەنقىدلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ سىستېمىنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇش ئىشلىرىنىڭ كېلەركى ئاي ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى  سېتىۋالىدۇ دېمەيۋاتىمەن،. سېتىۋالدى. بىز بۇ ئىشنى ئاخىرلاشتۇردۇق. <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ باھاسى مۇۋاپىق. رۇسىيە دائىرىلىرى بىلەن <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى بىرلىكتە ياساش ۋەدىسىنى ئالغان ھالدا كېلىشىمىمىزنى ئىمزالىدۇق.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىمەنە <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئالاقىدار مەكتۇبىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پاترىك شاناخاننىڭ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋېلىشى ھەققىدە يوللىغان مەكتۇبىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شاناخاننىڭ مەكتۇپ ئۇسلۇبىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق روھىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆردۇق، بۇ ھەقتە تېگىشلىك قەدەملەر تاشلىنىۋاتىدۇ، جاۋاب تەييارلارۋاتىمىز.»

«‹ستار› گېزىتى»، « HAVELSAN غا قاتاردا سىبەر بىخەتەرلىك ۋەزىپىسى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

قاتارنىڭ ئېنېرگىيە، تېلېگراف، ماشىنىسازلىق ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان داڭلىق خەلقئارالىق شىركەتلىرىدىن جەيداھ گۇرۇھى، سىبەر بىخەتەرلىك ساھەسىدە تۈركىيەنىڭ  HAVELSAN گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

ئىگىلىنىشىچە،  جەيداھ گۇرۇھى،   HAVELSAN نىڭ سىبەر بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ھەمدە  HAVELSAN نىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە تېخنىكىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، سىبەر بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇدىكەن.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماركىسى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

خەلقئارا ماركا باھالاش ئورگىنى (Brand Finance) تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 1.7 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ماركا قىممىتى بىلەن ئالدىنقى يىلدىكىگە ئوخشاشلا بۇ يىلمۇ تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماركىسىغا ئايلانغان.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئىسرائىلىيەلىك مودېل بار رېفائېلى تۈركىيەنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىسرائىلىيەلىك مودېل بار رېفائېلى ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن «Dosso Dossi Fashion Show» ناملىق مودا كىيىم كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى. ئۇ مودا كىيىم كۆرگەزمىسىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئۆيۈمگە ناھايىتى يېقىن. تۈرك ئاياللار رەتلىك كىيىنىش ۋە تەرتەىپلىك ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. تۈركىيەنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. تۈركىيەدە مەن تونۇيدىغان بىردىنبىر مەشھۇر شەخس نۇسرەت گۆكچەدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر