16.05.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2140311
16.05.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، تۈنۈگۈن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ھاماسنىڭ غەززەدە ئانادولۇنىڭ ئالدىنقى سەپ لىنىيەلىرىنى قوغداۋاتقان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى يازدى:

«ھېچكىم <ئىسرائىلىيە غەززەدە مەڭگۈ قالىدۇ> دەپ خاتا ئويلاپ قالمىسۇن. ئەگەر بۇ ئازغۇن دۆلەتنى، بۇ تېررورچى دۆلەتنى <توختاپ تۇر> دېمىسە، ھامان بىر كۈنى <ۋەدە قىلىنغان زېمىنلار> خام خىيالىنىڭ قايمۇقتۇرۇشى بىلەن دىققىتىنى ئانادولۇغا ئاغدۇرىدۇ. دەرۋەقە، ھاماس غەززەدە ئانادولۇنىڭ ئالدىنقى سەپ لىنىيەلىرىنى قوغداۋاتقان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىدۇر. سىلەر بۇنداق ئوچۇق ھەقىقەتنى كۆرەلىمىگۈدەك دەرىجىدە  قارىغۇ بولۇپ قالدىڭلارمۇ؟»

«‹ساباھ› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ دىپلوماتىك مەنبەلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، مىنىستىر فىدان ئۇچرىشىشتا ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەكنىڭ، تۈنۈگۈن تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

«ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى جانلاندۇرۇۋاتىمىز. بۇ مەقسەتتە تۈنۈگۈن بىريۇسسېلدا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردۇق.»

«‹سىتار› گېزىتى»، خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى Fitch نىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تۈركىيەنىڭ قەرز كاپىتال بازىرىنىڭ جانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى  ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇنىڭ  تۈنۈگۈن بەرگەن باياناتىدا، 2022-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن بۇيان رىزە – ئارتۋىن ئايرودۇرۇمىدىن 1 مىليون 927 مىڭ 680 يولۇچىنىڭ پايدىلانغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر