ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان چېگراسىدىكى ھەربىي رايونلارغا ھۇجۇم قىلدى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ چېگرادىكى ھەربىي رايونلىرىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1987919
ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان چېگراسىدىكى ھەربىي رايونلارغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 07: 15 مىنۇت ئۆتكەندە، كەلبەجەر ۋىلايىتىنىڭ يەللىجە ئاھالىلەر رايونى يۆنىلىشىدىكى ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ھەربىي رايونلىرىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدىن ئېتىلغان ئوقلارنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمدا ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىمىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەرمېنىيە تەرەپتىن ئۆچ ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، رايوندا پەيدا بولغان جىددىيچىلىكنىڭ بارلىق جاۋابكارلىقىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي رەھبەرلىك قاتلىمىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر