ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ۋاقتىنى بېكىتتى
ئۆزبېكسىتان مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنى 9- ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكسىتان 30 – ئاپرېل رىفېراندۇم (ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى) ئۆتكۈزۈپ، يېڭى ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋ پەرمان ئىمزالاپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ 9 – ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارار قىلدى.
رېفېراندۇم ئارقىلىق دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا بەزى ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە پىرېزىدېنتقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى بەلگىلىمىلەرمۇ بار ئىدى.
بۇ دائىرىدە پىرېزىدېنتنىڭ بەزى ۋەزىپە ۋە ھوقۇقلىرى پارلامېنتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن؛ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىلدىن يەتتە چىقىرىلغانىدى.
2021- يىلى 12- ئايدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىن، شەۋكەت مىرزىيايېۋ بەش يىللىق پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاساسەن، يەنە بىر قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ 2026- يىلى 12- ئايدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتاتتى.