كەركۈكتە بىر تۇرالغۇغا تىزگىنەكلىك ئايروپىلان چۈشتى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە بىر تۇرالغۇغا تىزگىنەكلىك ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى.

1939435
كەركۈكتە بىر تۇرالغۇغا  تىزگىنەكلىك ئايروپىلان چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى ئامىر نۇرى، شەھەرنىڭ شوراۋ رايونىدىكى بىر تۇرالغۇغا تىزگىنەكلىك ئايروپىلاننىڭ چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامىر نۇرى ۋەقە يۈز بەرگەن پەيتتە ئۆيدە ھېچ كىشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكىنى، ئەمما ماددىي زىيان كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامىر نۇرى تىزگىنەكلىك ئايروپىلاننىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنىڭ تېخىچە ئېنىقلانمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، نەق مەيدانغا كىرىش-چىقىش ئېغىزىنىڭ تاقالغانلىقىنى ۋە ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر