ئەلىيېۋ: ئەزەربەيجانلىقلارنى قوغداش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ: «ئىراندىكى ئەزەربەيجانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى بارلىق ئەزەربەيجانلىقلارنى قوغداش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. ئۇلار بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ بىر پارچىسى» دېدى.

1911189
ئەلىيېۋ: ئەزەربەيجانلىقلارنى قوغداش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت باكۇدىكى ئادا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئوتتۇرا كارىدور بويىدا: جۇغراپىيەلىك سىياسەت، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىساد» ناملىق خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى؛ يىغىنغا ئامېرىكا، بېلگىيە، بۇلغارىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئىسرائىلىيە، شىۋېيتسارىيە، ئىتالىيە، گىرۇزىيە، كانادا، مىسىر، پاكىستان، پولشا، رومىنىيە، رۇسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ داڭلىق ئاقىللار ئامبىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى سۆزلەپ، دۆلىتىنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئەزەربەيجاننىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ: «مەن ئىراننىڭ ئۈچ پىرېزىدېنتى بىلەن بىرلىكتە ئىشلىدىم: (مۇھەممەد) خاتەمى، (مەھمۇد) ئەھمەدى نىجاد ۋە (ھەسەن) رۇھانى. بۇ بىر نەچچە يىلدا بۈگۈنكىگە ئوخشاش ئەھۋال يۈز بەرمىدى. ئەزەربەيجانغا قارشى ئۆچمەنلىك ۋە تەھدىتكە تولغان بىر بايانات ئەزەلدىن ئېلان قىلىنمىدى. ئىران يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە چېگرامىزدا ئىككى قېتىم ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى» دېدى.

پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ، دۆلىتىنىڭ ئەزەربەيجانغا قارشى ھەر خىل بايانات ۋە ھەرىكەتلەرگە ھەر ۋاقىت جاۋاب قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «شۇڭا،  بىزنىڭ ئۇلاردىن قورقمايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىران چېگراسىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالدۇق. ئەزەربەيجاننىڭ لائىك تۇرمۇش شەكلى ۋە ئىراندىكى ئەزەربەيجانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى بارلىق ئەزەربەيجانلىقلارنى قوغداش قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. ئۇلارنىڭ بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ بىر پارچىسى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر