ئەزەربەيجان چېگرادىكى توقۇنۇشتا 50 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيەنىڭ چېگرادىكى ئىغۋاگەرچىلىكى نەتىجىسىدە 50 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1879573
ئەزەربەيجان چېگرادىكى توقۇنۇشتا 50 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ،  12- سېنتەبىر كېچىسى ۋە 13 - سېنتەبىر سەھەردە  ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ چېگرادىكى داشكەسەن، كەلبەجەر، لاچىن ۋە زەنگىلان رايونلىرىدا پەيدا قىلغان كەڭ كۆلەملىك ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىدىن 42، چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىدىن سەككىز بولۇپ جەمئىي 50 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېفمۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئەزەربەيجان خەلقى، شېھىتلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە تۇغقانلىرىدىن ھال سورىدى. ئۇ ئۇچۇىدا «شېھىتلەرنىڭ قېنى يەردە قالمىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، 12-سېنتەبىر كېچىسى ۋە 13 - سېنتەبىر ئەتىگەندە ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ چېگرادىكى داشكەسەن، كەلبەجەر، لاچىن ۋە زەنگىلان تەرەپلىرىدە كەڭ كۆلەملىك ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىقنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى باشقا بىر باياناتىدا: «گەرچە (تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت) 09:00 دا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەرمېنىيە چېگرا بويىدا زەمبىرەك ۋە باشقا ئېغىر قوراللارنى ئىشلىتىپ ئۇرۇش توختىتىشقا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر