قاراقالپاقىستاندىكى ۋەقەلەرگە چېتىشلىق بىر تۈركۈم كىشىلەر نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

ئۆزبېكىستاننىڭ قاراقالپاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە چېتىشلىق 14 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

1853974
قاراقالپاقىستاندىكى ۋەقەلەرگە چېتىشلىق بىر تۈركۈم كىشىلەر نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزبېكىستان ئاساسىي قانۇنۇنىدىكى قاراقالپاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى بەزى تەكلىپلەر كۈنتەرتىپىگە كەلگەندىن كېيىن، قاراقالپاقىستان پايتەختى كۇكۇستا باشلىنىپ، كېيىنچە قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە ئايلىنىپ كەتكەن ۋەقەلەرگە چېتىشلىق 14 كىشىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تەرتىپ - ئىنتىزامنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە بۇ نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەردىن دەۋلەتمۇرات تاجىمىرادوۋ ۋە ئازامات تۇردانوۋ قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، مەزكۇر ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

ئۆزبېكىستان ئاساسىي قانۇنىدىكى قاراقالپاقستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى بەزى تەكلىپلەرنىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىشى بىلەن، 7 - ئاينىڭ 1 -، 2 - كۈنلىرى قاراقالپاقستاندا نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

ئۆزبېكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مەزكۇر نامايىشلارنى ئۆزبېكىستان ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلۈشى پىلانلانغان ئۆزگەرتىشلەرنى «خاتا ئانالىز قىلغان» بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ۋەقەدىن كېيىن ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ، نامايىشلار داۋام قىلىۋاتقان نۇكۇسقا بېرىپ، خەلق بىلەن كۆرۈشۈپ، قاراقالپاقستاننىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئۆزگەرتىلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

نامايىشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىدىن كېيىن پىرېزىدېنت مىرزىيايېۋ پەرمان چۈشۈرۈپ، قاراقالپاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە 2 - ئاۋغۇستقىچە جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانىدى.

ئۆزبېكىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى، ۋەقەلەردە تۆت نەپىرى ساقچى بولۇپ 18 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 38 نەپىرى بىخەتەرلىك خادىمى بولۇپ جەمئىي 243 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر