ئەزەربەيجاننىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى ئاياز مۇتەللىپوۋ 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى

ئەزەربەيجاننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىنكى تۇنجى پىرېزىدېنتى ئاياز مۇتەللىپوۋ 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

1802740
ئەزەربەيجاننىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى ئاياز مۇتەللىپوۋ 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاياز مۇتەللىپوۋ باكۇدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ 1989-يىلى ئەزەربەيجان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. ئەزەربەيجان سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىنمۇ دۆلەتنى باشقۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.

ئاياز مۇتەللىپوۋ 1991-يىلى 8-سېنتەبىردىكى سايلامدا غەلىبە قىلىپ، مۇستەقىل ئەزەربەيجاننىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى بولغان ۋە 1992-يىلى 6-مارتتا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ روسىيەگە كەتكەن ئىدى.

ئاياز مۇتەللىپوۋ تاكى 2012-يىلغىچە رۇسىيەدە ياشىغان، ئاندىن دۆلىتىگە قايتىپ، ئۆزىنىڭ سىياسەتكە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مۇتەللىپوۋ يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر