قاراباغدا ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇلدى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاراباغدا قانۇنسىز ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىگە قارشى ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1802358
قاراباغدا ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قاراباغدىكى قانۇنسىز ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ئىس-تۈتەكلىك ھاۋارايىدىن پايدىلىنىپ، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىگە قارشى ئىغۋاگەرچىلىك تەشەببۇسىدا بولغانلىقى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ دەرھال تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشى نەتىجىسىدە، قانۇنسىز ئەرمېنىيە قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقى، بۇ ھەقتە، رايوندا ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رۇسىيە قىسىملىرى قوماندانلىق ئىشتابىغا ۋە تۈركىيە-رۇسىيە بىرلەشمە مەركىزىگە مەلۇمات بېرىلگەنلىكى، ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى ئارىسىدا ھاياتىدىن ئايرىلىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى ۋە ۋەزىيەتنىڭ كونترول ئاستىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر