ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان بازىلىرىنى ئوققا تۇتتى
ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ چېگرادىكى ئەزەربەيجان بازىلىرىغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، كەلبەجەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق زەيلىك يېزىسى يۆنىلىشىدىكى بازىلارنىڭ تۈنۈگۈن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 22:00 دىن كېيىن، باسارگەچەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق يۇقارى شورچا يېزىسىدىكى ئەرمېنىيە بازىلىرى تەرىپىدىن بىر قانچە سائەت بويىنچە ئوققا تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرغانلىقى ۋە رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.