ئەزەربەيجان 8 نەپەر ئەرمېنىيە ئەسكىرىنى قايتۇرۇپ بەردى

ئەزەربەيجان نازارەتتىكى 8 نەپەر ئەرمېنىيە ئەسكىرىنى ئەرمېنىيەگە قايتۇرۇپ بەردى.

1774595
ئەزەربەيجان 8 نەپەر ئەرمېنىيە ئەسكىرىنى قايتۇرۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ ئەسىرلەر، يوقاپ كەتكەنلەر ۋە تۇتقۇن قىلىنغان پۇقرالارغا مەسئۇل دۆلەت كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قايتۇرۇلغانلارنىڭ 16-نويابىردا ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى كەلبەجەر يۆنىلىشىدە ئىغۋاگەرچىلىك قىلماقچى بولغاندا قولغا ئېلىنغان ئەسكەرلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بۇنىڭ بەدىلىگە ئەرمېنىيە تەرەپنىڭ 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئاممىۋى قەبرىستانلىققا كۆمۈۋېتىلگەنلىكى تەخمىن قىلىنغان ئەزەربەيجان پۇقرالىرى ۋە ئەسكەرلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشى شۇنداقلا ئاممىۋى قەبرىلەرنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىنىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ياۋروپا ئىتتىپاقى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل بىلەن 4 – فېۋرالدا ئۆتكۈزگەن تۆت تەرەپلىك ۋىدېيولۇق كونفېراستا، 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا يوقاپ كەتكەن ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىشىشقا ۋەدە بەرگەن ھەمدە فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرونمۇ بۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر