ئەزەربەيجان ھەربىي مەكتىپىنىڭ پىروگراممىسى تۈركىيەنىڭكى بىلەن ماسلاشتۇرۇلدى

ئەزەربەيجان ئالىي ھەربىي مەكتىپىنىڭ پىروگراممىسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇلۇۋاتقان پىروگرامما بىلەن ماسلاشتۇرۇلدى.

1761938
ئەزەربەيجان ھەربىي مەكتىپىنىڭ پىروگراممىسى تۈركىيەنىڭكى بىلەن ماسلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېشقەدەم گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋ،  مەرھۇم پىرېزىدېنت ھەردەر ئەلىيېۋنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان پايتەخت باكۇدىكى ئەزەربەيجان ئالىي ھەربىي مەكتىپىنى زىيارەت قىلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، (ئەرمېنىيەنىڭ 30 يىللىق ئىشغالىيىتىگە قارشى 2020-يىلى 27-سېنتەبىردىن 9-نويابىرغىچە داۋاملاشقان)    2-قاراباغ ئۇرۇشىدا مىسلىسىز زەپەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە، قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەنىڭ مەنىۋى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى قوللىشىنىڭ موھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئارمىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھات توغرىلىقمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجان ئالىي ھەربىي مەكتىپىنىڭ پىروگراممىسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇلۇۋاتقان پىروگرامما بىلەن ماسلاشتۇرۇلدى، بۇ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىدىكى كەسپىي ئوفىتسېرلارنى تەربىيىلەشتە تاشلانغان مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر