بشكەك ھاۋاسى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان شەھەر بولدى
قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك ھاۋاسى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان شەھەرلەر رەت تەرتىپىدە، ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ بىرىنچى بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىشكەك شەھىرى ھاۋاسىنىڭ، دۇنيا ھاۋا سۈپىتى (World Air Quality) لايىھەسى رامكىسىدا ئۆلچەلگەن باشقا شەھەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئېغىر بۇلغانغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.
ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلى شەھىرى ھاۋا بۇلغىنىشى جەھەتتە ئىككىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى. ئۈچىنچى رەتكە پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرى تىزىلدى. ھىندىستاننىڭ كالكۇتتا شەھىرى تۆتىنچى رەتكە، پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرى بەشىنچى رەتكە تىزىلدى.
قىرغىزىستان مۇھىت قوغداش مۇتەخەسسىسلىرى قىش پەسلىدە بىشكەكنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ ئېغىر بولۇشى ۋە تۇمانغا، مەش، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.