قازاقىستاندا بىر قورال-ياراغ ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەردى
قازاقىستاندا بىر ھەربىي قىسىمنىڭ قورال-ياراغ ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، توققۇز ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى، 90 كىشى يارىلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (2021-يىلى 26-ئاۋغۇست) قازاقىستاننىڭ تاراز شەھىرىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قورال-ياراغ ئىسكىلاتىدا، ئوخشىمىغان 10 پارتلاش يۈز بەردى.
پارتلاشتا، بەش ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى، 90 كىشى يارىلاندى. تۆت ئەسكەر ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. پارتلاشتىن كېيىن، رايونغا ئوت كەتتى ۋە ئەتراپتىكى 200 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.
پارتلاشقا، ئىسكىلاتتىكى پارتلىغۇچى ماددىلارنىڭ سەۋەب بولغان مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئەمما ساقچى تەرەپنىڭ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
پارتلاش يۈز بەرگەن رايوندىن تارقاقلاشتۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.