ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ 2 مىڭ 900 ئەسكىرى شېھىت بولدى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ تاغلىق قاراباغ تېرروتېرىيەلىرىنى ئىشغالدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا 2 مىڭ 900 ئەسكىرى شېھىت بولدى.

1650488
ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ 2 مىڭ 900 ئەسكىرى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2020 – يىلى، 27 – سېنتەبىر كۈنى باشلانغان ۋە 2020 – يىلى، 10 – نويابىر كۈنى، ئەرمېنىيەنىڭ مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىشى بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇرۇشتا، ئىلگىرى 2 مىڭ 895 ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان شېھىت ئەسكەرلەرنىڭ سانى، بەزى جەسەتلەرنىڭ تېپىلىشى ۋە كىملىكلىرىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشىدىن كېيىن، 2 مىڭ 900 غا يەتكەن.

14 ئەسكەرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، دەپنە قىلىنغان شېھىت ئەسكەرلەرنىڭ ئىسىملىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ 2020 – يىلى، 27 – سېنتەبىر كۈنى قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، 5 شەھەر مەركىزى، 4 كەنت ۋە 286 يېزا ئازاد قىلىنغان، بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەرمېنىيە مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىشغال ئاستىدىكى ئاغدام، لاچىن ۋە كەلبەجەر ۋىلايەتلىرىنىمۇ بوشىتىشنى ئەھدە قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغانىدى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسى، 2020 – يىلى، 20 – نويابىر كۈنى ئاغدامدىن، 2020 – يىلى، 25 – نويابىر كۈنى كەلبەجەردىن، 2020 – يىلى، 1 – دېكابىر كۈنى لاچىندىن چېكىنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر