ت ر ت سايىسىدا «يۈسۈف ئاتا» نەسەبنامەسى كىتابلاشتۇرۇلىدۇ

خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ جىيەنى ۋە ئوقۇغۇچىسى يۈسۈف ئاتاغا ئائىت نەسەبنامە تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى (TRT)  سايىسىدا كىتابلاشتۇرۇلىدۇ.

1650417
ت ر ت سايىسىدا «يۈسۈف ئاتا» نەسەبنامەسى كىتابلاشتۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى (TRT) نىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى سايىسىدا، خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ جىيەنى ۋە ئوقۇغۇچىسى يۈسۈف ئاتاغا ئائىت نەسەبنامە كىتابلاشتۇرۇلىدۇ، 800 يىللىق ھۆججەت قايتا رەتلەپ چىقىلىدۇ، ھەمدە ھازىرقى زامان تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئېلېكترونلۇق مۇھىت ئاستىدا كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈلىدۇ.

يۈز يىللار بۇرۇنقى دەۋرنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ھۆججەت، تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى (TRT) ئېكرانلىرىدىن تونۇشتۇرۇلدى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى ھەرىكەتكە ئۆتتى.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى، تۈركىستان ۋە ھەزرىتى سۇلتان تارىخ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش مۇزېيىغا تاپشۇرۇلغان ھۆججەت ئۈچۈن، مۇزېي بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالىدى.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قايتا رەتلەپ چىقىلىدىغان نەسەبنامە ھۆججىتى، ھازىرقى زامان تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن كىتابلاشتۇرۇلۇپ، نەشىر قىلىنىدۇ.

قازاقىستاندا يەسەۋى مىراسلىرىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن «يەسەۋى يولى» ناملىق بىر لايىھە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنىدى.

لايىھە ئارقىلىق تۈركىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان جۇغراپىيەسىگە ئائىت يېڭى ھۆججەتلەرگە ئېرىشىش نىشان قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر