تاغلىق قاراباغ ئۇرۇشىدا 2841 ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى
ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ تاغلىق قاراباغ رايونىنى ئىشغالدىن ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا 2 مىڭ 841 ئەسكەر شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 27 – سېنتەبىر كۈنى باشلىنىپ، 10 – نويابىر كۈنى ئەرمېنىيەنىڭ مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىشى بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇرۇشتا، 2 مىڭ 841 ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولغان، 64 ى يوقاپ كەتكەن.
ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ 2020 – يىلى، 27 – سېنتەبىر كۈنى قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، 5 شەھەر مەركىزى، 4 يېزا ۋە 286 كەنت ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، ئەرمېنىيە مەغلۇبىنى قوبۇل قىلغان، ئىشغال ئاستىدىكى ئاغدام، لاچىن ۋە كەلبەجەر ۋىلايەتلىرى قاتارلىق جايلارنى بوشىتىش نىشان قىلىنغان كېلىشىمنى ئىمزالىغانىدى.
ئەرمېنىيە ئارمىيەسى، 20 – نويابىر كۈنى ئاغدامدىن، 25 – نويابىر كۈنى كەلبەجەردىن، 1 – دېكابىر كۈنى لاچىندىن چېكىنگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.