تاغلىق قاراباغدا كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ سانى كۆپەيتىلدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوف، تاغلىق قاراباغدىكى سۈركىلىش لىنىيىسى بويىغا جايلاشقان كۆزىتىش نۇقتىلىرى سانىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوف، رۇسىيە ئەسكەرلىرى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ئاساسەن ئەسكەرلەرنىڭ ئورنى ۋە كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ قايتىدىن بېكىتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تاغلىق قاراباغنىڭ «شىمالىي» مەسئۇلىيەت رايونىدا 11، «جەنۇبىي» مەسئۇلىيەت رايونىدا 12 بولۇپ جەمئىي 23 كۆزىتىش نۇقتىسدا 24 سائەت بويىچە كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇندىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
كوناشېنكوف، ئالدىنقى كۈنىدىكى باياناتىدا «جەنۇبىي» مەسئۇلىيەت رايونىدا 9، «شىمالىي» مەسئۇلىيەت رايونىدا 9، لاچىن كارىدورىدا 7 ۋاقىتلىق كۆزىتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.