ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەگە ئائىت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى، ئەرمېنىيەگە ئائىت كامىكازى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى.

1515047
ئەزەربەيجان  ئەرمېنىيەگە ئائىت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە، جەبرايىل ۋىلايىتى يۆنىلىشىدە ئەرمېنىيەگە ئائىت بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تېخنولوگىيەلىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن.

مىنىستىرلىق ھەمبەھىرلىگەن فوتو سۈرەتلەردە، مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىغا سەپلەنگەن پارتلاتقۇچ كۆرۈلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا مۇھىم ئۇچۇر - ئالاقە لىنىيەلىرىنى كونترول ئاستىغا ئالدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەربىي ھەرىكەتلەر، تۈن بويى، ئاغدەرە، خوجاۋەند، فۇزۇلى، ھادرۇت ۋە گۇبادلى يۆنىلىشلىرىدە تۈرلۈك شەكىلدە داۋاملاشقان. ئەزەربەيجان ئارمىيەسى، مۇداپىئە لىنىيەسىگە توپ ۋە مىناميوتلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، خوداۋەند، ھادرۇت ۋە گۇبادلى يۆنىشلىرىدە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن. ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ قورال – ياراغ، ئوق - دورا ۋە يېقىلغۇ ئىسكىلاتلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن، ئەرمېنىيە كۈچلىرى بىر قىسىم جايلاردىن چېكىنگەن.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى، ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ بىرقانچە ياردەم نۇقتىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغان، مۇھىم ئۇچۇر - ئالاقە لىنىيەلىرىنى كونترول ئاستىغا ئالغان، ھەمدە ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئېگىزلىكلەرنى ئىشغالدىن ئازاد قىلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، توقۇنۇشلار تۈن بويى داۋاملاشقان بولۇپ، ۋەزىيەت تامامەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەن.

 

 

 ئەزەربەيجان ئارمىيەسى، ئەرمېنىيەگە ئائىت كامىكازى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە، جەبرايىل ۋىلايىتى يۆنىلىشىدە ئەرمېنىيەگە ئائىت بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تېخنولوگىيەلىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن.

مىنىستىرلىق ھەمبەھىرلىگەن فوتو سۈرەتلەردە، مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىغا سەپلەنگەن پارتلاتقۇچ كۆرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر